- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش كۈچەيتىلدى
− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلار ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېز ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى
2017.12.11 16:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايون 12- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سەپەرۋەرلىك سىن يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورۇنلار، تارماقلار پائال ئاۋاز قوشۇپ، تېز ھەرىكەتلىنىپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە تېز بېرىپ، بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى: پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى تۇغقانلارغا يەتكۈزىمىز
ئاپتونوم رايوننىڭ سەپەرۋەرلىك سىن يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا دەرھال سەپەرۋەر قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى، مەخسۇس يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈپ، كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەردە تۇرۇش مەزگىلىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پائالىيەتنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك، ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى رەھبەرلىرى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى تۈركۈمدە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان بۆلۈم (ئىدارە) ئورگىنىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرىغا ماڭدى. 1- تۈركۈمدە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر بەس- بەستە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ياخشى، ئەمەلىي ئىشلارنى ئېتىز باشلىرىغىچە بېرىپ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ئاممىنىڭ قەلبىگە چاچىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى سېرلان نۇرپولات مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇغقانلىرىمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئەقىل كۆرسىتىپ، چارە تېپىپ، ئۇنى بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇرىمەن.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى: دېھقانلارنىڭ تامىقىنى يەپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە ياتىمىز
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى 31 كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتە يۈك- تاق ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ۋە ئەلرايى كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئېلىپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ۋە يېڭىئاۋات يېزىسىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ تامىقىنى يەپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە يېتىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر تۇغقانلارنىڭ ئائىلە شارائىتىغا ئاساسەن، ھەمتۈرتكە بولۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئاممىنىڭ قاتنىشىشىغا قولايلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىشى؛ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىشىش ۋە قايتا نامراتلىشىش سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتۇشى؛ تۇغقىنىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ھويلا- ئارانلارنى تازىلاپ، قوتانلارنى ئادالاپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەپ، تۇغقىنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش داۋامىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە ياردەم بېرىشى؛ جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىگە پايدىلىق، پائال ئالغا ئىنتىلىدىغان تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشى كېرەك.
خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى دۈەن ۋېيجياڭ مۇنداق دېدى: چوڭقۇر چۆككەندىلا، ھەقىقىي چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئامما بىلەن بىللە تاماق ئېتىپ، ھويلا- ئارانلارنى تازىلاپ، ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ئوي- خىياللىرىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا يۈزلەنگەندىلا، ئاندىن توغرا «رېتسېپ» يازغىلى بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتى: سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، دوست بولغاندىلا، خەلقنى غەمدىن ھەقىقىي خالاس قىلغىلى بولىدۇ
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتە ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تېز ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا سىياسىي- قانۇن كومىتېتى ئورگىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى تېزدىن يولغا قويۇش قارار قىلىندى، تۇنجى تۈركۈمدىكى 21 كادىر 12- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن كېيىن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسىغا بېرىپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتناشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتىدىكى نەتىجىلەرنى، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈپ تەربىيە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئەل قەلبىنى مايىل قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، دوستلىشىپ، خەلقنىڭ غېمىنى ھەقىقىي تۈگىتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇغقانلىشىش بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ۋاسىتە قىلىپ، پائالىيەت مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇپ، مۇڭدىشىش جەريانىدا پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، سىردىشىش داۋامىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: ئامما ئارىسىغا چۆكۈپ، تۇغقانلار بىلەن «تۆتتە بىللە بولىمىز»
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتناشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى خادىملىرى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈك- تاقلىرىنى ئېلىپ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ خاڭدى بازىرىغا قاراپ يولغا چىقتى، ئۇلار تۇغقانلىرى بىلەن بىر ھەپتە بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، تۇغقاندارچىلىق مېھرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتە يىغىن ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باشقارما، ئىشخانىلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر بەس- بەستە تىزىملاتتى، كومىتېتتىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ بارىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى: ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ھېس قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەيمىز
12- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ سەپەرۋەرلىك سىن يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى دەرھال پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، چۈشتىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇنجى تۈركۈمدىكى 50 پارتىيە ئەزاسى، كادىر مەكىت ناھىيەسىگە بېرىپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئاتلاندى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى كادىرلار سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»نى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ تەلەپلىرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى ھەم رەھبەرلەر يېتەكچىلىك قىلىش، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى تۈركۈمگە بۆلۈپ قانات يايدۇرۇشنى بېكىتتى.
(مۇخبىرلىرىمىز لى ياڭ، دۇڭ شاۋخۇا، سۈي يۈنيەن، يۈەن لېي، لۇي فېڭباۋ ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لۇ شياۋلى)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر