باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 6-دېكابىر ياۋرو رايونى ئىسلاھاتى پىلان لايىھەسىنى ئېلان قىلدى

2017.12.11 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 6-دېكابىر ياۋرو رايونى ئىسلاھاتى پىلان لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ئوتتۇرىغا قويغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسلاھات تەكلىپىدىكى ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىستىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىدىغان «مۇقىملىق مېخانىزمىنى»نى قانداق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قىسمەن ئىنكاس قايتۇردى.

  ئەمما، تېخىمۇ مۇھىم بولغان، تېخىمۇ كۆپ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئىسلاھات ھەققىدىكى تەكلىپ، يەنى ياۋرو رايونى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە ياۋرو رايونى بىر تۇتاش مالىيە خام چوتى تەسىس قىلىش تەكلىپى قوبۇل قىلىنمىدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جونكېر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۆپ يىللىق كىرىزىستىن كېيىن، ياۋروپانىڭ كەلگۈسىنى ئۆز قولىمىزغا ئالىدىغان پەيت كەلدى.

  ياۋرو رايونى ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ تۈپ مەقسىتى- ياۋرو رايونىدىكى 19دۆلەتنىڭ 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە ئىگىلىك ھوقۇق قەرز كىرىزىسىگە ئوخشاش « بوران-چاپقۇن»غا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدىمۇ سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. بۇ ھەقتە ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پىكىرى بىردەك ئەمەس.

  ياۋرو رايونىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بىرلەشتۈرۈش ھەققىدە ياۋرو رايونىنىڭ سىرتىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 8دۆلەتنىڭ يەنە گۇمانى بار؛ ئۇلار كېيىنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى «ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا» بولۇپ قالامدۇ؟ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مالىيە سىياسىتى ھەققىدە تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى تېخىمۇ كىچىك، ياردەمگە ئېرىشىشى تېخىمۇ تەس بولۇپ قالامدۇ؟

  ماكرون ياۋرو رايونى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە ياۋرو رايونى پارلامېنتى قۇرۇپ، بىر نەچچە يۈز مىليارد ياۋرو كېلىدىغان كۆلەمدىكى ياۋرو رايونىنىڭ بىر تۇتاش مالىيە خامچوتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەكلىپى بەردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە بولسا قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى باشلايدىغان ئەزا دۆلەتلەرنى نەق پۇل مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ياۋرو رايونىدا مۇقىملىق مېخانىزمىنى قۇرۇپ، ئىقتىسادىي كىرىزىسكە يولۇققان ئايرىم ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەرنى ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى قوللىدى. ھازىرقى ياۋروپا مەركىزى بانكىسى مېخانىزمىنىڭ بۇ خىل قىسمەن ئىقتىسادىي كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇشى تەس. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى تىلغا ئالمىدى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى «ياۋرو رايونى مالىيە مىنىستىرلىرى» تەسىس قىلىشنى تىلغا ئالمىدى، لېكىن ياۋروپا كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرى ئىچىدىن بىر كىشىنى «ئىقتىساد ۋە مالىيە مىنىستىرى»لىقىغا تەيىنلەش، بۇ كىشى ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ھەر ئايلىق قەرەللىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش تەكلىپى بەردى، بەلكىم 2019-يىلى 11-ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ياۋروپا كومىتېتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بۇ خىزمەت ئورنى رەسمىي تەسىس قىلىنىشى مۇمكىن. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا مالىيە مىنىستىرلىرى قەرەللىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئانچە قىزىقمىدى. ھازىرقى مېخانىزم ئاستىدا، ياۋروپا كومىتېتى پەقەت مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ.

  گېرمانىيە ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇۋاتقان ھازىرقى قەرزى كۆپ دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش فوندىنى «ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇل فوندى»غا ئۆزگەرتىشنى قوللىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇنىڭغا قوشۇلدى، لېكىن بۇ فوند ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دائىملىق ئاپپاراتى بولۇشى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ لايىھەنى قوبۇل قىلىشى تەس.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەزاسى موسكوۋىچ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىدا ياۋرو رايونى ۋە پۈتكۈل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھاتى توغرىسىدا كونكرېت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، گەرچە بەزى ئادەملەر ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن ئۈندىمەي تۇرۇۋالدى.

  گېرمانىيە ئاۋازى رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ سۆز گېرمانىيەنىڭ بىر قەدەر رادىكال ياۋرو رايونى ئىسلاھات لايىھەسىنى قوللىمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مالىيە ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە گېرمانىيە ئەزەلدىن مۇتەئەسسىپ بولۇپ كەلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خامچوتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» گېرمانىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ چىقىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ لايىھەسىدە گېرمانىيە ئوتتۇرىغا قويغان، سىلوۋاكىيە ۋە گوللاندىيە قوللىغان «ئىگىلىك ھوقۇق ۋەيران بولۇش مېخانىزمى» تەسىس قىلىش تەكلىپى قوبۇل قىلىنمىدى. بۇ مېخانىزم ئەزا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ چىقىمنى تېجەش، خام چوتنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خامچوت قىزىل رەقىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ( GDP ) نىڭ %3 دىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىدى، فىرانسىيەنىڭ بولسا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتتى. ماكرون بۇ يىل 9-ئايدا زور ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق فىرانسىيەنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئەمگەك كۈچى بازىرىدىكى يۆتكىلىشچانلىقنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. لېكىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماكروننىڭ دۆلەت ئىچى ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنىڭ بار يوقلۇقىغا بولغان ئىشەنچىسى يېتەرلىك ئەمەس.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى 11-ئايدىن باشلاپ ياۋرو رايونى ئىسلاھات لايىھەسى ھەققىدىكى سۆھبەتنى باشلىدى، بىراق مۇنداق روشەن توسالغۇغا ئۇچرىدى: گېرمانىيە سايلامدىن كېيىن كابىنېت تەشكىللەشتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، مېركېل ھۆكۈمىتى قارانچۇق كابىنېت بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق زور تەدبىر چىقىرىشى ئاسان ئەمەس. داۋاملىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھاتىدىكى باش ئىلگىرى سۈرگۈچى بولالامدۇ يوق؟ بۇ مېركېل رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداش پارتىيە بىلەن 2-چوڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ «بۈيۈك ئىتتىپاقلىق» ھۆكۈمىتىنى تەشكىللىيەلەيدىغان ياكى تەشكىللىيەلمەيدىغانلىقىغا باغلىق.

  ماكرون «بۈيۈك ئىتتىپاق»قا زور ئۈمىد باغلىماقتا. چۈنكى ئوتتۇرا سول لۇشيەندە ماڭىدىغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىزچىل قۇۋۋەتلەپ كەلدى. 7- ۋە 9-دېكابىر ئېچىلغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى قۇرۇلتىيىدا بىرلەشمە كابىنېت تەشكىللەش سۆھبىتىنى رەسمىي باشلاش باشلىماسلىق قارار قىلىنىدۇ. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى مارتېن شۇلتىز 6-دېكابىر مۇنداق دېدى: يىغىندا سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى قانداق قىلىپ «بارلىق كۈچى» ئارقىلىق گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ماكروننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاۋاز قوشۇشقا دەۋەت قىلىش مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، گېرمانىيەنىڭ قاتناشقۇسى كەلمىدى، بۇنداق بولسا بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر