باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ياخشى ئۈنۈم ئارقىلىق ياخشى ئىستىلنى سىناش كېرەك

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى

2017.12.12 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  « <تۆت خاھىش>نى تۈزىتىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بەردى. بۇ مۇھىم يوليۇرۇقتا، سۆز دەل جايىغا تەككۈزۈلدى، ئىجتىمائىي ئىللەتلەر دەل كۆرسىتىپ بېرىلدى، ئۇنىڭ مەزمۇنى مول، تەلىپى روشەن، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقى، ئىستىلنى ياخشىلاش-ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدەك روشەن ئىپادىسى بىلەن قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە، پۈتۈن پارتىيە «تۆت خاھىش» نى تۈزىتىشتە زور ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. راھەتپەرەسلىك بىلەن ئىسراپخورلۇق ئاساسەن كونترۇل قىلىندى، لېكىن شەكىلۋازلىق، بيوروكراتلىق مۇئەييەن دەرىجىدە ھېلىھەم مەۋجۇت. مەسىلەن، بەزى ئورۇنلاردا «بوسۇغىسى داۋان، قاپىقى يامان» ئەھۋالى خېلىلا ئوڭشالغان بىلەن، «ئىشى يەنىلا بىراۋان»؛ بەزى جايلار باشلىق كۆرەلەيدىغان دائىرىدىكى تۈر قۇرۇلۇشىنىلا قىلىپ، «ئامما رازى بولامدۇ-بولمامدۇ كارىم يوق، باشلىق كۆرمەسمىكىن دەپ يۈرۈكۈم پوك-پوك» دېگەندەك ئىش قىلىۋاتىدۇ؛ بەزى كادىرلار ئىش قىلغاندا سۆرەلمىلىك قىلىپ ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋېتىشنىڭ كويىدا بولۇپ، چاكىنىلىق، ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرىغا ئىتتىرىپ، كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەش ئارقىلىق شەخسىي مەسئۇلىيەتتىن قېچىۋاتىدۇ، ۋەھاكازالار. يۇقىرىقىدەك مۇشۇنداق تۈرلۈك ئىشلار خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ ئېيىتقاندەك، قارىماققا يېڭى ئەھۋالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كونا مەسىلە، بۇ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ جاھىل، تەكرارلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بۇ بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، «تۆت خاھىش» مەسىلىنى ھەل قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ھەرقانداق چاغدا دەم ئېلىۋالاي، ئارام ئېلىۋالاي دەيدىغان ئويدا بولماسلىقىمىز، چوقۇم ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي بوشاشماي تۈزىتىشىمىز، توغرا كەيپىياتنى قەتئىي كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر