باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى 11 ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمى %8.4 ئاشتى

2017.12.12 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 16 تىرىليون 174 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى باج كىرىمى 13 تىرىليون 607 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.2 ئاشقان؛ باجدىن باشقا كىرىم 2 تىرىليون 567 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 تۆۋەنلىگەن. باجدىن باشقا كىرىم، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش بېجى، شەھەر-بازار يەرلىرىنى ئىشلىتىش بېجى قاتارلىقلارنىڭ خېلىلا كېمىيىشىنىڭ تەسىرىدە، 11-ئايلىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، شۇ ئايدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 1 تىرىليون 138 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 تۆۋەنلىگەن.

  باج تۈرلىرى بويىچە قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئاساسىي باج تۈرىنىڭ كۆپ ساندىكىسى بىر قەدەر تېز ئېشىپ، ئىچكى قوشۇلما قىممەت بېجى 5 تىرىليون 179 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت سىياسەت خاراكتېرلىك باج كېمەيتىشنىڭ تەسىرىدە، ئۆزگەرتىپ ئېلىنغان قوشۇلما قىممەت بېجى %6.6 تۆۋەنلىگەن. ئىچكى ئىستېمال بېجى 992 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.6 ئاشقان؛ كارخانا تاپاۋەت بېجى 3 تىرىليون 194 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشقان؛ شەخسىي تاپاۋەت بېجى 1 تىرىليون 109 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشقان؛ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش 1 تىرىليون 236 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.2 ئاشقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر