باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىننىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈش كۆلىمى زور ھەجىمدە كىچىكلىدى

ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ھۇجۇمغا ئىنكاس قايتۇردى

2017.12.11 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 9-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى كەچقۇرۇن پەلەستىننىڭ نامايىش كۆلىمى 8-دېكابىردىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، دېدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 8- دېكابىر كېچىدە غەززە رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ راكېتا بومبا ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇردى.

  دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى رايونىدىكى 600دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك 20دىن ئارتۇق جايدا نامايىش قىلدى ھەمدە ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتى، غەززە رايونىدا 400دىن ئارتۇق ئادەم نامايىش قىلدى، شەرقىي يېرۇسالىمدا نەچچە ئون كىشى نامايىش قىلغان بولۇپ، 8- دېكابىردىكى نەچچە مىڭ ئاھالىنىڭ نامايىش كۆلىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە كىچىكلەپ كەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۇدا نەچچە كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، لېكىن يۇقىرى كۆتۈرۈلمەيدىكەن.

  ئىسرائىلىيەدىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپ ياش ئاققۇزۇش گازى، رېزىنگە ئوق، چاقماق ئوق ئىشلىتىپ، تاش ۋە كۆيدۈرگۈچ بومبا ئاتقان، بالون كۆيدۈرگەن نامايىشچىلارنى توسقان، ئاز دېگەندە 10 پەلەستىنلىك ئىس-تۈتەك سۈمۈرگەنلىكتىن يېنىك يارىلانغان، يەنە ئالتە ئادەم قولغا ئېلىنغان، ئىككى ئىسرائىلىيەلىك ساقچى تاش بىلەن يارىلاندۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر