12-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ لوس ئانژېلېس ناھىيەسىنىڭ بېللاير تۇرالغۇ رايونىدىكى ئۆي كۆيۈپ كەتمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شامال كۈچىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، نەملىك دەرىجىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇرۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئامېرىكا جەنۇبىي كالىفورنىيەنىڭ كۆپ جايلىرىدا ئوت ئاپىتى بولدى. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى جېلى بلانكى 5-چېسلا لوس ئانژېلېس ناھىيەسىنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى، ئۈزلۈكسىز يامراپ كېتىۋاتقان ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى