باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن ئاممىسى ئامېرىكىنىڭ يېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى

2017.12.08 14:48   مەنبە: خەلق تورى

پەلەستىن ئاممىسى ئامېرىكىنىڭ يېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىنلىك ئامما 7-چېسلا شەرقىي يىروسالىم، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىدىكى كوچىلارغا چىقىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ 6-چېسلا يېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.

  مۇخبىر يېرۇسالېم كونا شەھىرىدە مۇنۇلارنى كۆردى: پەلەستىنلىكلەر تىجارەت قىلىدىغان دۇكانلارنىڭ ھەممىسى تىجارەتنى توختاتقان، نەچچە يۈز پەلەستىن ئاممىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارەت قىلىشى ئاستىدا دەمەشىق ئەتراپىغا يىغىلىپ، «ياشىسۇن پەلەستىن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ نامايىش قىلغان.

  ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شەھەر رامئاللادا، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، شۇ يەردىكى دۇكانلار كەينى-كەينىدىن تاقىلىپ، مەكتەپلەردە دەرس توختىتىلدى؛ بېتلېخېمدا، بىر قىسىم پىراۋوسلاۋىيە دىنى چېركاۋىدىمۇ داڭ چېلىنىپ نارازىلىق بىلدۈرۈلدى؛ غەززە رايونىدا، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە ئۈچ پەلەستىنلىك نامايىشچى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا يارىلاندى.

  ئىسرائىلىيەدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) نىڭ رەھبىرى خانىيە 7-چېسلا مۇنداق دېدى: ئەتە، 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 8- كۈنى، غەزەپلىك بىر كۈن، بىر قېتىملىق قوزغىلاڭنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى چوڭ قوزغىلاڭنى يېرۇسالېم ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئەركىنلىك قوزغىلىڭى، دەپ ئاتايمەن.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 6-چېسلا ئېرۇسالېمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى تېلئاۋېفدىن يېرۇسالېمغا كۆچۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەت شۇ كۈنى بۇنىڭغا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى 
    ·كېلەر يىلى ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلار سانىنىڭ 8 مىليون 200مىڭ كىشىگە يېتىشى مۆلچەرلەندى 
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى يەرلىكلەر تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى «توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرىجىسىنى 12 يىلغا ئۆستۈرۈش» شەرتىنىڭ ھازى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا يۇغۇرما (سىغدۇرۇشچان) مائار…
    ·2017-يىللىق جۇڭگو ئاتا-ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىد…
    ·ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن دۆلىتىمىزگە يەتكۈزۈلىدىغان گاز مىقدارى 200 مىليارد كۇپمېتىرد…
    ·شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2018-يىللىق سەنئەت كەسپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە گۈزەل سەنئەت تۈرى،…
    ·ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى باشلاندى