باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى دورىغا پىرسەنت قوشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇردى

2017.12.11 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەن داۋالاش ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خېشېڭ 12-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇڭگو ساقلىقنى ساقلاش ژۇرنىلى تەھرىراتى، ساغلاملىق گېزىتخانىسى ئۇيۇشتۇرغان 2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە داۋالاش ئىسلاھاتىنى ئومۇملاشتۇرۇش باشلىقلار مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى سىجىل تەرەققىي قىلدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئومۇمىي خەلق داۋالاش كاپالىتى تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دورا تەمىناتى كاپالەت تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى نۇقتىلىق خىزمەت سۈپىتىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى دورىغا پىرسەنت قوشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ھازىر، دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئاساستا داۋالاش بايلىقىنى تەقسىملەپ، %80تىن ئارتۇق ئاھالىلەر 15 مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئەڭ يېقىن داۋالاش نۇقتىسىغا بارالايدىغان بولغان. ئائىلە دوختۇرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتى 430 مىليون كىشىنى قاپلىغان. داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقا جايدا راسچوت قىلىش جەھەتتە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بارلىق ئۆلكىدىكى 400 غەملەش رايونىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق تۈرلۈك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى قاپلىغان، ئۆلكە ھالقىغان بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىدىن 7000دىن ئارتۇقنى قۇرغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر