باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.12.07 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 12-ئاينىڭ 6-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇرى سىستېمىسىنى بىرىكتۈرۈپ بەھرىلىنىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى بىلەن ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ جامائەت بايلىقىنى تەقسىملەش ساھەسىدىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەرنى بېكىتىپ، قېلىپلاشتۇرۇش، ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش بەلگىلەندى؛ 2017-يىللىق دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى باھالاش نەتىجىسى تەستىقلاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى ۋە خەلق رازى بولىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش تەلىپى بويىچە، تارماقلار ۋە جايلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر سىستېمىسىنى بىرىكتۈرۈپ بەھرىلىنىشنى تېزلىتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ «تومۇرلىرى»نى راۋانلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە 71 تارماق دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى تاشقى تورىغا ئۇلىنىپ، ئىناۋەت، نوپۇس ئۇچۇرى قاتارلىق ساھەلەردە تارماق، رايون، دەرىجە ئاتلاپ سانلىق مەلۇماتتىن بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىرىنچى، جامائەت سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشنىڭ ھۆكۈمەت جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. «بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپ، مۇستەقىل ئېلېكتىر تورى بۇنىڭ سىرتىدا» دېگەن تەلەپ بويىچە، تارقاق، مۇستەقىل ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر سىستېمىسىنى ئېنىقلاپ بىرىكتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بىر تۇتاش دۆلەت سانلىق مەلۇماتتىن بەھرىلىنىش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسىغا ئۇلاش ۋە قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىش كېرەك. بەھرىلىنىش تەلىپى بويىچە يېڭىدىن ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، تەكرار قۇرۇش ۋە يېڭى ئۇچۇر يېگانە ئارىلى شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. جامائەت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئالاھىدە بېكىتىلگەن كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتقىلا ئېچىۋېتىش قىلمىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ ۋە توسۇپ، ئادىللىقنى نامايان قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، تور راۋان بولغان ئاساستا سانلىق مەلۇمات، كەسىپلەرنىڭ راۋانلىقىنى تېزلىتىش كېرەك. يىل ئاخىرىغىچە گوۋۇيۈەن تارمىقىدىكى تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان 40 سىستېمىنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى تارمىقىغا سانلىق مەلۇماتتىن بەھرىلىنىشكە ئېچىۋېتىپ، سانلىق مەلۇماتنى تەكشۈرۈپ ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تارماقلىرىنىڭ تەبىئىي شەخس ۋە كارخانىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، باج تاپشۇرۇش ئىسپاتى، كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاش، ئىلمىي ئۇنۋان ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى قاتارلىق 500 تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتنى تەكشۈرۈش تەلىپىنى تەدرىجىي قاندۇرۇش، كەسىپنى ھەمكارلىشىپ بېجىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈچۈن كۆپ تەرەپتىن پايپېتەك بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت تەمىنلەيدىغان، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۇچۇر سىستېمىسىدىن تەكشۈرگىلى بولىدىغان ئۇچۇرلارغا قايتا ئىسپات ئېچىش تەلەپ قىلماسلىق كېرەك. ئۈچىنچى، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىش جەھەتتە تۈزۈلمە-مېخانىزم ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ كەسپىي كۈچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ تور پونكىتى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمەت تور پونكىتى قاتارلىق ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئالاقە راۋانلىقىنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ «بىر تور بىلەن بېجىرىش»، «مەملىكەتلىك كەزىم مۇلازىمىتى»نى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتىنى تۈزىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، «كىم تەمىنلىسە، شۇ مەسئۇل بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، ئۇچۇرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا، ئىشەنچلىك، مۇكەممەل، نوپۇزىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىش جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىگە دەرھال تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامە قاتارلىق ئاساسىي ئۆلچەملەرنى يولغا قويۇش كېرەك. بەشىنچى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى تاشقى تورى، دۆلەت سانلىق مەلۇماتتىن تەڭ بەھرىلىنىش ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت بىخەتەرلىكى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى چوقۇم ھۆكۈمەت تارماقلىرى باشقۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر