باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى 10 ئايدا شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 11 مىليون 910 مىڭغا يېتىپ، بۇ يىللىق نىشان مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملاندى

2017.12.07 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 11 مىليون 910 مىڭغا يېتىپ، 11 مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن يىللىق كۆزلىمە نىشان مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملانغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئالدىنقى 10 ئايدا يەنە شەھەر-بازاردا ئىشتىن قالغان 4 مىليون 710 مىڭ كىشى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغان 1 مىليون 470 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  تەھلىل قىلىنىشىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاشقا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى تۆت تەرەپ تۈرتكە بولغان. بىرىنچى، ئىقتىسادنىڭ مۇھىم ئېشىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىملىقىنى ساقلاشقا تىرەك بولغان. 2017-يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.9 بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مىقدارى 2 تىرىليون 350 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئىقتىسادى ئاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېلاستىكلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. ئىككىنچى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ياخشىلىنىشى، بولۇپمۇ 3-كەسىپنىڭ تېز تەرەققىياتى ۋە يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلىدە 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %52.9كە، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %58.8كە يېتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۆرۈنەرلىك تۈرتكە بولغان. ئۈچىنچى، ئىسلاھات پايدىسىنى قويۇۋېتىشتىن نەپ ئالغان. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش زور ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 ئېشىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە يېڭىدىن تىزىملاتقان كارخانىلار 16مىڭ 500گە يېتىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانىلارنىڭ 3-پەسىللىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %25تىن ئاشقان. تۆتىنچى، پائال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۈنۈمىنىڭ يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلىشىدىن نەپ ئالغان، بۇنى ھەم ئەمگەكچىلەرنىڭ توختىماي ئالغان ئىلگىرىلىشى ۋە ئۆز تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر