باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراق 3000غا يېقىن ماكانسىز پۇقراسىنى سۇرىيەدىن قايتۇرۇپ كەلدى

2017.12.06 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مىنىستىرلىقنىڭ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قېچىپ كەتكەن 3000غا يېقىن ئىراق پۇقراسىنى يېقىندا سۇرىيەدىن قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى قاتناش مىنىستىرلىقى بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى خاساكاھ ئۆلكىسىدىكى خاللې ئورۇنلاشتۇرۇش لاگېرىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان 2800 نەپەر ئىراق پۇقراسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلدى ھەمدە ئۇلارنى موسۇلنىڭ جەنۇبىدىكى بىر لاگېرغا ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەزاز رايونىدىن 182 ئىراق پۇقراسىنى قايتۇرۇپ كەلدى. نۆۋەتتە، بۇلار ئىراقنىڭ شىمالىدىكى دۇخۇك ئۆلكىسىدىكى بىر لاگېرغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  2014- يىلىدىن بۇيان، رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» پائالىيىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشى ۋە ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نۇرغۇن پۇقرانىڭ ماكانسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2016-يىلى موسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە، موسۇل ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى نەچچە مىڭلىغان پۇقرا قوشنا دۆلەت سۇرىيەگە قېچىپ بېرىپ پاناھلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر