باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى چاۋشيەندە زىيارەتتە بولىدۇ

2017.12.05 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 4- ئاپرېل، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى جېفرى فېلتماننىڭ 12-ئايىڭ 5-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە چاۋشيەندە زىيارەتتە بولۇپ، چاۋشيەن تەرەپ ئەمەلدارلىرى بىلەن «ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر»نى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا: زىيارەت مەزگىلىدە، فېلتمان يەنە ب د ت دىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر گۇرۇپپىلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەمدە ب د ت تۈر ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ، دېدى. مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، دىيارىك فېلتماننىڭ زىيارىتىنىڭ پۈتۈنلەي پيۇڭياڭدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي ئەمەلدارىنىڭ چاۋشيەندىكى ئەڭ يېقىنقى ئىككى قېتىملىق زىيارىتى ئايرىم-ئايرىم 2010-يىلى ۋە 2011-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ب د ت نىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى پاسكو 2010-يىلى 2-ئايدا چاۋشيەندە تۆت كۈن زىيارەتتە بولغان. ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئاموس 2011-يىلى10-ئايدا چاۋشيەندە بەش كۈن زىيارەتتە بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر