باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، 4- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تېز پويىزىغا تەڭ ئولتۇرايلى

ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2017.12.05 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ 4- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

  4- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىم بىلەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىم، كارخانىچى قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن!

  ھازىر ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابى بىخ ئۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىمۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە نۇرغۇن يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. دۇنيا ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ئاچقۇچلۇق پەيتكە قەدەم قويدى، تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كۈنسېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بىزنىڭ «تۆت پىرىنسىپ»، «بەش نۇقتىلىق تەشەببۇس»نى تەشەببۇس قىلىشىمىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىكنى ئورتاق قوغداش، باشقۇرۇشقا ئورتاق قاتنىشىش، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت.

  ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلۈپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو، ئەقلىي جەمئىيەت قۇرۇش، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رەقەملىك ئىقتىساد، ھەمبەھرە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. جۇڭگو ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تېز پويىزىغا تەڭ ئولتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلىدۇكى، ھەرگىز يېپىلمايدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك يىغىن «رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش- قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش»نى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە تورى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2017- يىلى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى بېيجىڭ

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-دېكابىر تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجۇ، 3-دېكابىر تېلېگراممىسى. 4- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى 12- ئاينىڭ 3- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېن بازىرىدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامى بىلەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىم، كارخانىچى قاتارلىق ھەرساھە زاتلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابى بىخ ئۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىمۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە نۇرغۇن يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. دۇنيا ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ئاچقۇچلۇق پەيتكە قەدەم قويدى، تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كۈنسېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بىزنىڭ «تۆت پىرىنسىپ»، «بەش نۇقتىلىق تەشەببۇس»نى تەشەببۇس قىلىشىمىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىكنى ئورتاق قوغداش، باشقۇرۇشقا ئورتاق قاتنىشىش، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلۈپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو، ئەقلىي جەمئىيەت قۇرۇش، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رەقەملىك ئىقتىساد، ھەمبەھرە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. جۇڭگو ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تېز پويىزىغا تەڭ ئولتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلىدۇكى، ھەرگىز يېپىلمايدۇ (تەبرىك خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلدى).

  ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى دۇنيا ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىش، تور بوشلۇقى تەرەققىياتىنى باشقۇرۇش قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەش، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى سەمىمىي تىلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇپەسسەل بايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تور ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

  جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن تارىخىي پۇرسەتكە ماسلىشىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تور بوشلۇقىنى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئالاقىلىشىش، ھەمبەھرىلىنىش، تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا مەدەت بېرىپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئوچۇق ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، سىغدۇرۇشچان، ھەمبەھرە بولۇشنى، تەڭ پايدا ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەمتۈرتكە بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولۇش، ياخشى تەرتىپ ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەر، مۇقىم، گۈللەنگەن تور بوشلۇقىنى قۇرۇش كېرەك.

  خۇاڭ كۇنمىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى.

  تايلاندنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى پارجىن يۇنتۇڭ، موڭغۇلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئېنخۇتۇپسىن، ب د ت نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جېنمىن، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك، سىسكو(cisco) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى چاك روبىنىس، ئالاقە تورى ئاتىسى روبېرت كائېن، ئەلى بابا مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئايرىم - ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شۇ كۈنى ۋاڭ خۇنىڭ يەنە يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالاقە تورى نۇرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  4- نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى 12- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، يىغىننىڭ باش تېمىسى «رەقەملىك ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش- تور بوشلۇقى تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قۇرۇش». بەش قىتئەدىكى 80 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقە تورى كارخانىلىرىدىكى باشلامچى شەخسلەر، ئالاقە تورىدىكى داڭلىق ئەربابلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن بولۇپ 1500 دىن كۆپرەك ئەزىز مېھمان يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر