باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا 170 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى ئېلىپ بولۇندى

2017.12.04 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 29-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى بويىچە تەقدىرلەش ۋە سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئېلىپ بولۇنغان ئۆيلەر 171 مىڭ 578كە يېتىپ، 29 نۇقتىلىق ئۆزگەرتىش رايونىنىڭ ئۆي ئېلىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلىشىپ، بىر يىللىق ۋەزىپە-پىلان %326 ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.

  2017-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 49 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 66 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

  نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك مال بازىرى يولى تارماق رايونى يول تورى قۇرۇلۇشى، جۇجياڭ يولىنى شەرققە ئۇزارتىش يول قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ قاتناش باشلىنىپ، ئەتراپىدىكى 10دىن ئارتۇق شەھەر يولى تۇتاشتۇرۇلۇپ، كونا شەھەر رايونى يوللىرىنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلاندى؛ كەپە رايوننى تۈزەش تۈر قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، بۇ يىل يېڭىدىن ئىش باشلانغان ئۆي قۇرۇلۇشى 6170كە يېتىپ، داۋاملىق قۇرۇلىدىغان 39 تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر