باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى توغرىسىدىكى كۆك تاشلىق كىتاب تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى

جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرماقتا

2017.12.05 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆك تاشلىق كىتاب «دۇنيا ئىنتېرنېت تەرەققىيات دوكلاتى 2017» ۋە «جۇڭگو ئالاقە تورى تەرەققىيات دوكلاتى 2017» 4-دېكابىر 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2016-يىلى، جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىساد كۆلىمى ئومۇمىي مىقدارى 22 تىرىللىيون 580 مىليارد يۈەن بولۇپ، يەر شارى بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى،GDP دا ئىگىلىگەن نىسبىتى %30.3كە يېتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ۋەكىللىكىدىكى يېڭى ئىقتىساد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، كۆك تاشلىق كىتابنى جۇڭگو تور بوشلۇقى تەتقىقات يۇرتى باش بولۇپ تۈزگەن بولۇپ، مەزمۇنى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى، تور ئۇچۇر تېخنىكىسى، تور بىخەتەرلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرلىقى، ئالاقە تورى تاراتقۇلىرى، تور بوشلۇقىنى خەلقئارالىق تۈزەش قاتارلىق ئالاقە تورى تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ، مەزكۇر يىغىن ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم دۇنياغا يۈزلەنگەن ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر