باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈشتە تۆت دەرىجىلىك خىزمەت تورى شەكىللەندى

2017.12.01 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدا ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، بىراق ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى، دوختۇرخانا، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت، قان پونكىتى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا تۆت دەرىجىلىك ئەيدىز كېسەللىكىنى تەكشۈرۈش خىزمەت تورى شەكىللىنىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىش بىخ مەزگىلىنى بالدۇر بايقاش ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.

  12-ئاينىڭ 1-كۈنى، 30-قېتىملىق دۇنيا ئەيدىز كۈنى. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى 43 مىڭ 484 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى 11 مىڭ 322گە يېتىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، بىراق ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئەيدىزگە ئىسپات بېرىش مەركىزى تەجرىبىخانىسىدىن بىرسى، ئىسپات تەجرىبىخانىسىدىن 20سى، ئەيدىزنى تاللاپ تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسىدىن 309ى، ئەيدىز كېسەللىكىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن 499ى، CD4 تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە تەجرىبىخانىدىن 68ى، ۋىرۇسنىڭ توشۇلۇش ئىقتىدارىنى ئۆلچىيەلەيدىغان تەجرىبىخانىدىن 15ى بار. ھەر دەرىجىلىك قان پونكىتلىرى نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىش بىخ مەزگىلىنى بالدۇر بايقاش ئۈچۈن ئاساس سالدى.

  ئۇندىن باشقا، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارنىڭ سانى 2010-يىلىدىكى 48دىن 2017-يىلىدىكى 94گە يېتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلىرىنى داۋالاش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك تەدبىر بىلەن تەمىنلىنىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر