باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى مېھرىبان ساقچىلار مەخسۇس فوندى تەسىس قىلىندى

تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۈمىد قۇرۇلۇشى __ مېھرىبان ساقچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى» تارقىتىلدى

2017.12.04 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 3-دېكابىر، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى مېھرىبان ساقچىلار مەخسۇس فوندى تەسىس قىلىش ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۈمىد قۇرۇلۇشى __ مېھرىبان ساقچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلى» تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. نەق مەيداندا ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق ھەرمىللەتتىن بولغان قىيىنچىلىقى بار 60 ئىستۇدېنتقا 5000 يۈەندىن 300 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلدى. ئىگىلىنىشىچە، مېھرىبان ساقچىلار مەخسۇس فوندى 2016-يىلى يانۋاردا قۇرۇلغان مېھرىبان ساقچىلار ساخاۋەت ئەترىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ساخاۋەت ئەترىتى قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ، تېخنىكۇم، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىشكە باشلىغان، ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز قانۇن ساۋاتلىرىدىن لېكسىيە سۆزلىگەن. مېھرىبان ساقچىلارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى مۆمىنجان مۇھەممەتتۇرسۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى قارلىغاچلىق ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر فوندى جەمئىيىتىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرى ۋە بىڭتۈەن ج خ سېستىمىسىدىكىلەردىن بولۇپ 300دىن ئارتۇق پىدائىي بار ئىكەن.

  شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: «ئۈمىد قۇرۇلۇشى __ جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ھەرىكىتى» تۈرى بىر مەيدان كۈچ ئۇلاپ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش تۈرى بولۇپ، بۇ تۈر يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەرنىڭ كەڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشىغا ئېرىشتى. ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى 11 مىڭدىن ئارتۇق ئىستودېنت بۇ ياردەم تۈرىگە ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى. مېھرىبان ساقچىلار مەخسۇس فوندىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ تۈرىمىزگە يېڭى بىر ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.

  شۇ كۈنىدىكى پائالىيەتتە ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم كارخانىچىلار مېھرىبان ساقچىلار مەخسۇس فوندىغا 280 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر