باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى

2017.12.05 14:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئالدىدا، پارتىيە مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى قانداق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ بۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق مەسىلە.

  جۇڭگو خەلقى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان، يېڭى مۇساپىنى باشلىغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تۇنجى قېتىملىق دۇنيادىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى 300گە يېقىن پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتلاردىن كەلگەن رەھبەرلەر بېيجىڭدا جەم بولۇپ، چوڭ ئىشلارنى ئورتاق كېڭەشتى، بۇ، پارتىيەلەرنىڭ سىياسىي تارىخىدىكى ئىجادىي ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش. كۆلىمى مىسلىسىز بولغان دۇنياۋى كاتتا يىغىلىش دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى نامايان قىلدى. كىشىلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن بەھرىلىنىپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تەقەززا بولماقتا.

  «بىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، توغرا تاللاپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك». باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزلىشىش يىغىنىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، مەۋقەنى دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ ئىستىقبالىنى كۆزلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ گۈزەل خەرىتىسىنى چوڭقۇر سۈرەتلەپ، قانداق بىر گۈزەل دۇنيا قۇرۇش، گۈزەل دۇنيانى قانداق قۇرۇش توغرىسىدىكى تۆت نۇقتىلىق پىكرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا تۆھپە قوشۇشتىكى ئۈچ نۇقتىلىق تەشەببۇسىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنياغا بولغان مۇھەببىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئەزىز مېھمانلار بىلەن يۈكسەك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى.

  بىز ئورتاق ياشاۋاتقان بۇ پىلانېت بارغانسېرى ھېچكىم بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى. بەختلىك گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن، ئىنسانلار بىر تەرەپتىن، پارلاق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ياراتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، سانسىز جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، ئېچىنىشلىق بەدەل تۆلىدى؛ بىر تەرەپتىن، ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر مىسلىسىز بولدى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپ، كۆلىمىنىڭ چوڭ، دەرىجىسىنىڭ چوڭقۇر بولۇشىمۇ مىسلىسىز بولدى. كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش چوڭ يۈزلىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش چوڭ يول. ئۆز تەرەققىياتىنى دۆلەت، مىللەت، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلاش، دەۋر بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىش دۇنيادىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى.

  قانداق قىلغاندا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان تۆت نۇقتىلىق پىكىر بويىچە ۋەھىمىدىن يىراق، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر دۇنيانى تىرىشىپ قۇرۇش، نامراتلىقتىن يىراق، ئورتاق گۈللەنگەن دۇنيانى تىرىشىپ قۇرۇش، بېكىنمىچىلىكتىن يىراق، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان دۇنيانى تىرىشىپ قۇرۇش، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى تىرىشىپ قۇرۇشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق گۈزەل دۇنيا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى پارتىيەلەر ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قويۇق ھەمكارلىشىپ، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان يېڭىچە پارتىيەلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، كۆپ شەكىل، كۆپ قاتلاملىق خەلقئارا پارتىيەلەر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق تورىنى قۇرغاندىلا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

  «دۇنيا قانداقتۇر بىر كىشىگە ئەمەس، بەلكى ھەممىگە مەنسۇپ». جۇڭخۇا مىللىتى «دۇنيا بۈيۈك بىرلىككە كەلگەن، جاھان ئەھلى بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن تارىخىي مەنبە بويىچە «دۆلەتلەر ئىناق ئۆتۈش»، «ھەممە مەۋجۇدات ئۆم ئۆتۈش» دېگەن مەدەنىيەت روھىنى چىڭ ساقلاپ، «توغرا يول تۇتقاندا جاھان ئومۇمنىڭ بولىدۇ» دېگەن گۈزەل دۇنيانى چۈشەنگەن. دۇنيانىڭ ئالاقە ئىشلىرىدا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى باشتىن- ئاخىر ئوخشاش بىر كۆك ئاسماننىڭ ئاستىدا، ئوخشاش بىر ماكاندا ياشايدۇ، شۇڭا بىر ئائىلە كىشىلىرىدۇر، دەپ قارىغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىلغان بارلىق ئىشلىرىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى كۆزلىدى. نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، يەنە بۇ قېتىمقى دۇنيادىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، بوشاشماي تىرىشىپ ئۆزىنىڭ پارتىيە مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالدى. بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەنە بۇرۇنقىدەكلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇپ ئۆرنەك ئېلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  «ئاقىللار شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتى بولىدىغانلىقىنى، ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ». دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەش، خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئورتاق زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، مۇشۇنداق بولغاندا تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر