باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى

2017.12.04 09:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11- ئاينىڭ 29- كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ئوبامانىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان مەزگىلىدە جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيا تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ ئوباماغا ج ك پ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  ئوباما شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئوباما مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ. ئىجابىي بولغان ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، مەن ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئالاقە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناشنى خالايمەن.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر