خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:2018- يىللىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلان قىلىندى. قايسى كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ؟ دەم ئېلىش كۈنى قانداق تەڭشىلىدۇ؟ دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟ يۇقىرىقى سۈرەتتە بۇ مەسىلىلەر تەپسىلىي سۆزلىنىدۇ.
تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك:
يەنى، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئەمگەكچى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەمما ئۇنىڭغا دەم ئېلىش ۋاقتى تولۇقلاپ بېرەلمىگەن بولسا، شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ %200ىدىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەت ئۆلچىمى بويىچە، ئۇنىڭغا ھەق بېرىلىشى كېرەك.
ئەمگەكچى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىشلىتىلگەن بولسا، شۇ ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ %300ىدىن تۆۋەن بولمىغان نىسبەت ئۆلچىمى بويىچە، ئۇنىڭغا ئىش ھەققى بېرىلىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى