باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2018-يىللىق سەنئەت كەسپى ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە گۈزەل سەنئەت تۈرى، مۇزىكا تۈرى كەسپىگە ئىمتىھان بېرىش ۋاقتى بېكىتىلدى

2017.11.29 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2018-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت كەسىپلىرى تۈرى بويىچە تىزىملىتىش ۋاقتى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە قىلىپ بېكىتىلدى. تىزىملىتىش ئورنى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تىزىملىتىش ئورنى بىلەن ئوخشاش، ۋاقتى ئۆتسە تولۇقلىنىپ تىزىملىتىلمايدۇ.

  11-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ-ئىمتىھان تەتقىقات ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بارلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ (شىنجاڭ ئىچى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى) سەنئەت تۈرى كەسپى بويىچە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى ۋە 2-ئەۋلاد كىملىكىنى ئېلىپ، شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ، نەق مەيدان ئېلېكتىرونلۇق سىنغا ئېلىشنى تاماملاپ (ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ) ۋە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان بېرىش كىنىشكا نومۇرى، 2-ئەۋلاد كىملىك نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرى بېسىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2018-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ سەنئەت تۈرى (ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار) كەسپى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش كىنىشكىسى»نى ئېلىۋالىدۇ (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىمتىھانغا تىزىملىتىش كىنىشكىسى» دېيىلىدۇ). ئوقۇغۇچىلار چوقۇم «ئىمتىھانغا تىزىملىتىش كىنىشكىسى» ۋە 2-ئەۋلاد كىملىكىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان گۈزەل سەنئەت تۈرى ۋە مۇزىكا تۈرى كەسپى بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ.

  گۈزەل سەنئەت تۈرى كەسپىدە 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى نەق مەيداندا جەزملەشتۈرىدۇ، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلار چوقۇم 2-ئەۋلاد كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە «ئىمتىھانغا تىزىملىتىش كىنىشكىسى»نىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ۋە كۆپەيتىلمە نۇسخىسىنى ئېلىپ، نەق مەيداندا جەزملەشتۈرۈش ئورنىغا بېرىشى ۋە تىزىملىتىش ئۇچۇرلىرىنى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك.

  (تېخىمۇ كۆپ مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئاستىدىكى مەنبەدىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر