باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2013-2022-يىلىغىچە «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئون يىلى»ئوتتۇرا مەزگىللىك تەكشۈرۈش بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.12.04 09:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013- 2022- يىلىغىچە «ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئون يىلى» ئوتتۇرا مەزگىللىك تەكشۈرۈش بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا يىغىنى 11- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 12- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: مېيىپلەر ئىنسانلار چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى. دۇنيا دائىرىسىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىرىمۇ كەم بولماسلىق» نىشانىغا يېتىشتە مېيىپلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. ب د ت «مېيىپلەر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» ۋە «2030- يىلىغىچە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مېيىپلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، مېيىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بارغانسېرى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ۋە ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلانماقتا.

  «ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئون يىلى»نى جۇڭگو تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلىپ بېيجىڭدا باشلىغان، بۇ، ئاسىيا- تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ، مېيىپلەر ئىشلىرى بويىچە رايون ھەمكارلىقىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ مېيىپلەر ئىشلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلىش، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگو مېيىپلەر ئىشلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ۋە ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو بۇرۇنقىدەكلا ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئورتاق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەزكۇر رايوندىكى مېيىپلەرنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر