باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2018- يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

2017.12.01 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2018- يىللىق قىسمەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

  گوۋۇيۈەن بەڭگۇڭتىڭى ئاشكارا تارقاتقان [2017] 12- نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇش

  ھەرقايسى ئۆلكىلەر، ئاپتونوم رايونلار، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق- كومىتېتلىرى، ھەرقايسى بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلار:

  گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، ھازىر 2018- يىلى يېڭى يىل، چاغان، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، تاڭزۇڭزا چاغىنى بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى قاتارلىق تۈرلۈك بايراملاردا بايراملىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز.

  1، يېڭى يىل بايرىمى: 1- ئاينىڭ 1- كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، بايرامدىن ئىلگىرىكى شەنبە ۋە يەكشەنبىدىمۇ بايرامغا ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

  2، چاغان: 2- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى جەمئىي يەتتە كۈن بولىدۇ. 11- فېۋرال (يەكشەنبە)، 24- فېۋرال (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  3، چوكانتال بايرىمى: 4- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى جەمئىي 3 كۈن بولىدۇ. 8- ئاپرېل (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  4، ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 4- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى جەمئىي 3 كۈن بولىدۇ. 4- ئاينىڭ 28- كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  5، تاڭزۇڭزا بايرىمى: 18- ئىيۇن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، بايرامدىن ئىلگىرىكى شەنبە ۋە يەكشەنبىدىمۇ بايرامغا ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

  6، تاۋۇز چاغىنى: 9- ئاينىڭ 24- دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، بايرامدىن ئىلگىرىكى شەنبە ۋە يەكشەنبىدىمۇ بايرامغا ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ.

  7، دۆلەت بايرىمى: 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى جەمئىي يەتتە كۈن بولىدۇ. 29- سېنتەبىر (شەنبە) ۋە 30- سېنتەبىر (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  بايراملىق (ئاراملىق) دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جايلار، تارماقلار دىژورنىلىق، بىخەتەرلىك ۋە قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، زور تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، شۇ ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ بايراملارنى تېنچ-ئامان ۋە خوشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى

  2017- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر