باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئەتلەس رىۋايىتى» 11-دېكابىر تۇنجى مەيدان ئوينىلىدۇ

2017.11.30 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 29-نويابىر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئەتلەس رىۋايىتى» ھەققىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت سەنئەت فوندى مەبلىغى تۈرىگە ئېرىشكەن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ئەتلەس رىۋايىتى» 11 -دېكابىر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا تۇنجى مەيدان ئوينىلىدىكەن. بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر جەمئىي 10 مەيدان ئوينىلىش پىلانلانغان بولۇپ، 11-دېكابىردىن 17-دېكابىرغىچە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا، 22-دېكابىردىن 24-دېكابىرغىچە ئۈرۈمچى سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئوينىلىدىكەن.

  مەزكۇر ئۇسسۇللۇق تىياتىرغا جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاتاقلىق ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا سەنئەت يېتەكچىسى بولغان، سىنارىيەسىنى «لۇشۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن داڭلىق يازغۇچى شېن ۋېي يازغان، باش رېژىسسورلۇقنى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجادىيەت - تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھراي ئىبراھىم ئۆتىگەن.

  باش رېژىسسور مېھراي ئىبراھىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر تىياتىردا ئەتلەس توقۇيدىغان بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىقى، قايغۇلىرى، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرجۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ، ئەقىل پاراسىتى بىلەن گۈزەل تۇرمۇش ياراتقانلىقىدەك تۇرمۇش ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

  مەزكۇر تىياتىر 2016-يىلىدىن باشلاپ ئىجاد قىلىنىپ، سەھنىلەشتۈرۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، مېھراي ئىبراھىم ۋە ئىجادىيەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۈچ قېتىم خوتەنگە بېرىپ، ئەتلەس يۇرتىدا ئىجادىيەتتە بولغان ھەمدە دۆلەت سەنئەت فوندى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق يېتەكلىشىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بېكىتىلگەن تىياتىر 11-دېكابىر ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر