باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«قىزىل كېمە روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭايلى

شى جىنپىڭ

2017.12.01 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيى 1921-يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىڭ شەھىرى نەنخۇ كۆلىدىكى بىر كېمىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كېمە جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخىدىكى «قىزىل كېمە» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

  قىزىل كېمە، جۇڭگو تارىخىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ شاھىتى بولۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابى مەنبەسىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. قىزىل كېمە باشتىن ئاخىر كىشىلەرنىڭ بولۇپمۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ج ك پ پارتىيە 1-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى يولداش دۇڭ بىۋۇ نەنخۇ كۆلىگە ئىككى قېتىم قايتا زىيارەتكە بېرىپ ئىلھاملىنىپ شېئىر يازدى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى پارتىيە بارلىققا كەلگەن جايغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ ياكى قىزىل كېمىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ۋە ياكى ئۆز قەلىمى بىلەن بېغىشلىما يېزىپ، بىزنى نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە ئاچقان ئىنقىلاب يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى. 2002-يىلى 10-ئايدا جېجياڭغا يۆتكەلگەندىن كېيىن چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرۈش ھېسسىياتى بىلەن مەخسۇس جياشىڭدىكى نەنخۇ كۆلىگە بېرىپ قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي روھىي تەربىيەسى ئالدىم. بۇ يىل چاغاندىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى نەنخۇ كۆلىگە بېرىپ قىزىل كېمىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش تەربىيە پائالىيىتى بويىچە مەخسۇس ئۆگىنىش يىغىنى ئاچتى. ئىلغارلىق تەربىيەسى پائالىيىتى مەزگىلىدە، تۈمەنلىگەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋەتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نەنخۇ كۆلىگە كېلىپ، بىر قېتىم كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، بىر قېتىم پارتىيە دەرسى ئاڭلاپ، بىر قېتىم پارتىيە نىزامنامىسى ئۆگىنىپ، بىر قېتىم مەخسۇس فىلىم كۆرۈپ، بىر قېتىم قىزىل كېمىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى قايتا ئەسلىدى. جياشىڭ شەھىرى «روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىدىيەنى يۈكسەلدۈرۈش» ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان «قىزىل كېمە روھى» تېمىلىق چوڭ مۇھاكىمە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلغارلىق تەربىيەسى پائالىيىتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  قىزىل كېمە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، ئۇنىڭ روھى ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىدى. قىزىل كېمە دەۋر ئېگىزلىكىنىڭ ۋەكىلى ۋە چاقىرىقى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى نۇرلۇق چىراغ، جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ قەلبىگە تىكلەنگەن مەڭگۈلۈك ئۆچمەس روھىي ئابىدە. «قىزىل كېمە روھى» جىڭگاڭشەن روھى، ئۇزۇن سەپەر روھى، يەنئەن روھى، شىبەيپو روھى قاتارلىق بىر قاتار روھلارغا ئوخشاش جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ شانلىق مۇساپىسىگە ئەگىشىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا ھەر قانداق قىيىنچىلىق ۋە خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشى، يېڭى غەلىبىنى توختىماي قولغا كەلتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى ۋە قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقنى ئورتاق شەكىللەندۈردى. 80 نەچچە يىلدىن بۇيان، «قىزىل كېمە روھى» پارتىيەمىزنى ئىزچىل تارىخ يۈكسەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، جاسارەت بىلەن يۆنىلىشنى يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر