سۈرەتتە: 27-نويابىر ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدىكى پارتلاۋاتقان ئاگۇڭ يانار تېغى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندونېزىيە يانارتاغ ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، بالى ئارىلىدىكى ئاگۇڭ يانار تېغىدىن يەنە بىر قېتىم زور مىقتاردىكى يانار تاغ كۈلى ئېتىلىپ، ۋولغان كۈل تۈۋرۈكى ئېگىزلىكى 1500 مېتىرغا يەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاگۇڭ يانار تېغىدىن ئۈزلۈكسىز يانار تاغ كۈلى ۋە ئىس-تۈتەك ئېتىلىپ چىقتى، ۋولقان كۈلى تۈۋرۈكى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4000 مېتىرغا يەتتى ھەمدە قىزىل نۇر كۆرۈلدى، يانار تاغدىن ھەر ۋاقىت ماگما ئېتىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى