باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھاكىم ۋاسىتىچى بولدى، دېھقاننىڭ ھەميىنى تولدى

2017.12.01 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) بۇ يىل مول ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى. چىرا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى شاۋكەت ياسىن دېھقانلارنى بىر يىللىق قان-تەرى ئەجرىگە لايىق كىرىمگە ئېرىشتۈرۈش توغرىسىدا كۆپ باش قاتۇردى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چىن چۈەنگونىڭ بىر قېتىملىق يىغىندا ئېيتقان: «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن تۇغقان يوقلاشقا بارغان كادىرلار تۇغقانلىرىنىڭ سېتىپ چىقىرالمىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋىلىپ، ناھايىتى ياخشى ئىش قىپتۇ» دېگەن سۆزلىرىدىن ئىلھاملاندى-دە، چىرا ناھىيەسىدىكى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ۋە تيەنجىن شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېھقانلارغا تېخىمۇ كەڭ بازار ئېچىپ بېرىش ئويىغا كەلدى. ئۇ تيەنجىن شەھىرىدە نوپۇسنىڭ كۆپلۈكى، ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، توردىن مەخسۇس تيەنجىن شەھىرىنىڭ بازار ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم تيەنجىنگە بېرىپ، تيەنجىندىكى قېرىنداشلىرىغا ئۆزلىرى ياردەم بېرىۋاتقان يىراق يۇرتنىڭ كوزېر مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئويىغا كەلدى. تيەنجىن شەھىرىنىڭ خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تيەنجىندە مەخسۇس چىرا ناھىيەسىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش ھەم سېتىش يىغىنلىرىنى تەشكىللەپ بەردى.

  بىر كۈندە سېتىلغان 7463 توننا مەھسۇلات

  «چىرا ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان قۇملۇق ماكان، يىغىندى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىل 209 كۈنگە يېتىدۇ، چىلاننىڭ پىشىش ۋاقتى ئۇزۇن، چىلانلار قاراقۇرۇم تېغىنىڭ قار-مۇز سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ، تەبىئىي شارائىتتا قۇرۇتىلىدۇ، سانائەتتىن بۇلغىنىش يوق، شۇڭا چىرا چىلانلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى ھەم تەملىك...»

  11-ئاينىڭ 21-كۈنى، تيەنجىن «لىخۇا» مېھمانسارىيىدا ئېچىلغان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ، قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش»− يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا چىرا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم شاۋكەت ياسىن يىغىن ئەھلىگە چىرا چىلىنىنى ئەنە شۇنداق تونۇشتۇردى. ياڭاق، ئانار، توشقانزەدىكى، پىچەكگۈل، ھەسەل قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئارىسىغا تىزىلغان تۇخۇم چوڭلۇقىدىكى چىلانلار يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقانىدى.

  ھاكىم چىرا ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، نەق مەيداندا سودا ناھايىتى قىزىپ كەتتى. تاقىتى تاق بولغان خېرىدارلار بەس-بەستە مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا باشلىدى، بىر كۈن ئىچىدىلا چىرا ناھىيەسىنىڭ 7463 توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سېتىلىپ بولدى.

  2017-يىللىق 8-نۆۋەتلىك تيەنجىن يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلاندى. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە، تيەنجىن يېمەك-ئىچمەك گۇرۇھى شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش يۈزىسىدىن چىرا ناھىيەسىگە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يايما ئورنى تەسىس قىلىپ بەردى. پۈتكۈل يەرمەنكە زالىدا چىرا ناھىيەسىنىڭ يايما ئورنى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، تۇنجى كۈنى ئىككى سائەتتىلا 20 نەچچە توننا مەھسۇلات سېتىلىپ تۈگىدى. تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى جاڭ ۋېي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگەن كادىرلارنى باشلاپ يەرمەنكە زالىغا كېلىپ، ئۇلارغا ياردەملەشتى، يەرمەنكىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە مەھسۇلاتلار ئېھتىياجنى قامدىيالمىدى.

  ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز كەپتۇ...

  شاۋكەت ياسىن تيەنجىنگە كېلىپلا تيەنجىن شەھەرلىك رادىيو ئىستانسىسىغا بېرىپ، يۇرتى چىرانى، يۇرتىدىكى دېھقانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى، چىرانىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى تور، مىكرو بىلوگ ۋە ئۈندىدارلاردا «چىرادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز تيەنجىنگە كەپتۇ، تۇغقانلىرىمىز مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرغىلى، مەھسۇلاتلىرىغا بازار ئاچقىلى كەپتۇ، توغقاندارچىلىقىمىزنى يەتكۈزمىسەك بولماس...» دېگەن مەزمۇنلاردىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىپ، بەس-بەستە بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋىلىشقا ئالدىرىدى. تيەنجىن شەھىرىدىن خوتەن ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن سەككىز تۈركۈمدىكى كادىرلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، شەھەر خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ خوتەندىكى خىزمەت جەريانلىرىنى، خوتەننىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ياخشى، يېشىل مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. بۇ پائالىيەتكە نۇرغۇن كارخانىمۇ ناھايىتى ياخشى ماسلاشتى. بەزى چوڭ كارخانىلار ناھىيە بىلەن چىرانىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتۋېلىش-سېتىش توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  چىرانىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تيەنجىندە بازىرى چىقىشى بىلەن تەڭ، نەچچە كۈن ئىچىدە چىرا چىلانلىرىنىڭ باھاسى ئۆستى، دېھقانلارنىڭمۇ بېيىش ئىشەنچى كۈچىيىپ، چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى. چىرا ناھىيەسى تيەنجىن يىمەك-ئىچمەك گۇرۇھى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، مەھسۇلاتلارنى دېھقاننىڭ قولىدىن تيەنجىندىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تيەنجىن شەھىرىدە چىرانىڭ مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش نۇقتىسىدىن 20 نەچچىنى تەسىس قىلدى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيى» مەڭگۈ ياڭرىسۇن

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تيەنجىن شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئامما قاتنىشىپ، ھاكىمغا چىرا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار بىلەن ئۇرۇق-تۇغقان بولۇشنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم كېلەر يىلىدىن باشلاپ، تۇغقانلىرىنىڭ چىلانلىرىنى بىراقلا سېتىۋىلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىشتى. بۇ قېتىم چىرانىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تيەنجىندە بازار تېپىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ، مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىدى. تيەنجىن شەھىرى چىراغا نىشانلىق ياردەم بېرىش جەريانىدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتتە چىرا خەلقىگە نۇرغۇن ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنىدى. بۇ قېتىم تيەنجىن خەلقى چىرا دېھقانلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىپ، ئۇلارغا كەڭ بازار ئېچىپ بەردى، دېھقانلار بۇنىڭدىن تيەنجىندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشەندى، چىرا خەلقى بىلەن تيەنجىن خەلقىنىڭ دوستلۇقى، مېھىر-مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈيى تېخىمۇ ياڭرىدى. چىرا ناھىيەسى مۇشۇ پۇرسەتتە تيەنجىن خەلقى بىلەن چىرا خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر دېھقاننى تيەنجىندىكى قېرىنداشلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن مەخسۇس «قوشماقلىشىپ توغقان بولۇش كارتىسى» لايىھەلەپ، دېھقاننىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى ئېنىق يېزىلغان كارتىنى چىلان بىلەن قوشۇپ نەپىس خالتىغا قاچىلاپ، تيەنجىن-چىرا دوستلۇقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇغقاندارچىلىق رىشتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقچى بولدى.

  __ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى كۆزلىگەن مەقسەتتىنمۇ ئېشىپ كەتتى،− دېدى شاۋكەت ياسىن، − بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك پائالىيەتتىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدىم. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېيتقاندەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش بەك مۇھىم. بىز بۇ قېتىم بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق تيەنجىن-چىرا خەلقى قول تۇتۇشۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇش»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. 2020-يىلى رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقنى تەلتۆكۈس تۈگىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئازلا ۋاقىت قالدى. بىز بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە يېڭىدىن بىرەر كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئىشىش نۇقتىسىنى تىپىپ چىقالىشىمىز ناھايىتى تەس. ناھىيەمىزنىڭ ئەۋزەللىكى چىلان ۋە ياڭاق. شۇڭا بىز مۇشۇ ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش بىلەن بىللە، ناھىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداپ، خەلققە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىمىز.

  مۇخبىرنىڭ تەسىراتى

  چىرا ناھىيەسى دېھقانلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋە كەلگۈسىگە ئۇل سېلىش ئۈچۈن، ئۆز ناھىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ، چىلان، ياڭاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى كاسات بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مېڭىشىنى تېزلىتىپ بازار ئاچتى.

  ھازىردىن 2020-يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلى. بۇ يىل چىرا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار دۇچ كەلگەن مەسىلە شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ ئومۇمىي مەسىلىسى بولۇپ قالدى. «چىلان» ھاكىم بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدەندى. ئۆزى باش بولۇپ يۇرت ئاتلاپ چىقىپ، يۆلەش نۇقتىسى بولغان تيەنجىن شەھىرىگە بېرىپ چىقىش يولى تاپتى. «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمدە» دېگەندەك، باشقا يۇرتلارنىڭمۇ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، «كىمنى يۆلەش»، «نېمىنى يۆلەش»، «قانداق يۆلەش»، «كىم يۆلەش» دېگەننى زىچ چۆرىدەپ كۆڭۈل قويۇپ چوڭقۇر ئىزدىنىپ، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ، ئەتراپنى ياخشى كۆزەتكەندىلا ئۆز خەلقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق ئېلىپ تاشلىشى ئۈچۈن يول چىقىدۇ، ئەلۋەتتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر