باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش نىزامى (سىناق نۇسخىسى)»غا قاراپ چىقتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017.12.04 09:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش نىزامى (سىناق نۇسخىسى)»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈر تەلىپى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «نىزام»نىڭ تۈزۈلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئۇ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنىڭ سىياسىيلىقى، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك. توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپىنى پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭدۈرۈش كېرەك. دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغاپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش، ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىنى پائال، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ۋە تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، «نىزام»نىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە خىزمەت تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلىشى كېرەك. پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر