باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بېيجىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى» توپ سېتىش بازىرى بېيجىڭ بىلەن خوشلاشتى

2017.12.01 17:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2دە، «بېيجىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى» توپ سېتىش بازىرىدىكى قېپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى بازار دوڭدىڭ بازىرى تاقالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ 12 چوڭ كىيىم-كېچەك توپ سېتىش بازىرىدىن شەكىللەنگەن «ھايۋاناتلار باغچىسى توپ سېتىش بازىرى»نىڭ تارىخ سەھنىسىدىن رەسمىي چېكىنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى. كەلگۈسىدە، ئەسلىدىكى «ھايۋاناتلار باغچىسى توپ سېتىش بازىرى» رايونىغا پايتەخت ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئەڭ ئىلغار كەسىپلەر جايلىشىدۇ، بىر قىسمى ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ پائالىيەت ئورنى قىلىنىدۇ.

  غەيرىي پايتەخت ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك ھالدا تارقاقلاشتۇرۇش بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبىينىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەت بولۇپ، «بېيجىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى توپ سېتىش بازىرى»نىڭ تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىشى دەل بېيجىڭ شەھىرىنىڭ غەيرىي پايتەخت ئىقتىدارىنى تارقاقلاشتۇرۇشىدىكى بىر كارتىنىسىدۇر. بۇ يىل 10-ئايغا قەدەر، جەمئىي تارقاقلاشتۇرۇلۇپ راۋانلاشتۇرۇلغان بازار 528 گە، مال-ئەشيا ئوبوروت مەركىزى 106گە يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر