باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ بەش يىللىق نەتىجىسى: 260 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بىر تەرەپ قىلىندى

2017.12.01 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-نويابىر، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيانقى «نەتىجە مەلۇماتى» ئېلان قىلىندى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، مەملىكەت بويىچە سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان جەمئىي 193 مىڭ 168 مەسىلە بىر تەرەپ قىلىنىپ، 262 مىڭ 594 ئادەم بىر تەرەپ قىلىنغان، 145 مىڭ 59 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.

  دەرىجىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۆلكە- مىنىستىر دەرىجىلىك بىر تەرەپ قىلىنغان ئادەم سانى 24 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 22 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن؛ ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك بىر تەرەپ قىلىنغان ئادەم سانى 2329 بولۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بويىچە بىر تەرەپ قىلغانلار 1555 كىشى بولغان؛ ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك بىر تەرەپ قىلىنغان ئادەم سانى 19 مىڭ 619 بولۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلەر 11 مىڭ 882 كىشى بولغان؛ يېزا- بۆلۈم دەرىجىلىك بىر تەرەپ قىلىنغان ئادەم سانى 240 مىڭ 622 بولۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلەر 131 مىڭ 600 بولغان.

  بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش تۈرىدىن قارىغاندا، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش بىلەن تەمىنلەش ياكى قوبۇل قىلىش، ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئىشلىتىپ يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ياكى قۇبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا كىرىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇسى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر 62 مىڭ 51 قېتىم بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %32.1ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسى، بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات بېرىش ۋە قۇبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل مەسىلىلەر بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش مەسىلىسى جەمئىي 35 مىڭ 597 قېتىم بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %18.4ىنى ئىگىلىگەن. بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسى 26 مىڭ 741 قېتىم بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %13.8نى ئىگىلىگەن. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات بېرىش- ئېلىش مەسىلىسى جەمئىي 21 مىڭ 313 قېتىم بولۇپ، ئومۇمى ساننىڭ 11%ىنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا توي-تۆكۈن، دەپنە ئىشلىرىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش قاتارلىق ئىككى مەسىلىمۇ بىر قەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، ئومۇمىي سانى بىردەك 10 مىڭدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە توي-تۆكۈن، دەپنە ئىشلىرىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى جەمئىي 19 مىڭ 469 قېتىم بولغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسى جەمئىي 16 مىڭ 615 قېتىم بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ئومۇمىي ساننىڭ %10ىنى ۋە %8.6ىنى ئىگىلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر