باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «2013 ــ 2022-يىلىغىچە بولغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئون يىلى» ئوتتۇرا مەزگىللىك تەكشۈرۈش بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2017.12.01 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2013 ــ 2022-يىلىغىچە بولغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئون يىلى» ئوتتۇرا مەزگىللىك تەكشۈرۈش بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا يىغىنى 11-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: مېيىپلەر ئىنسانلار چوڭ ئائىلىسىنىڭ باراۋەر ئەزاسى. دۇنيا دائىرىسىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىرىمۇ كەم بولماسلىق» نىشانىغا يېتىشتە، مېيىپلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك. ب د ت «مېيىپلەر ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» ۋە «2030-يىلىغىچە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مېيىپلەرنىڭ باراۋەر ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، مېيىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بارغانسېرى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ۋە ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلانماقتا. «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئون يىلى»نى جۇڭگو تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلىپ، بېيجىڭدا باشلىغان، بۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلىرىنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ، مېيىپلەر ئىشلىرى بويىچە رايون ھەمكارلىقىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر