خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇداپېشتتىكى پارلامېنت بىناسىدا ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ۋېنگىرىيەنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم. جۇڭگو ۋېنگىرىيەنى ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى قەدىناس دوستى، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ئالاقىلىشىپ ماسلىشىدىغان ياخشى شېرىكى دەپ قارايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 5-ئايدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن زۇڭلى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈردى. بىز ۋېنگىرىيە بىلەن داۋاملىق ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ۋېنگىرىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى