باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لاسكۇي بازىرىدىكىلەر قۇرۇلتاي روھىدىن شادلاندى

2017.11.29 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرىنىڭ تەنھەرىكەت مەيدانى 3000دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى بىلەن لىق تولدى. بۇ كۈنى بۇ بازاردا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەشۋىقات يىغىنى، دېھقان-چارۋىچىلار كۆڭۈل ئېچىش-زېھىن سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلەتتى. كىشىلەر سوقۇشقا سالىدىغان قوچقار، خورازلىرىنى ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغىلى ھەم خوتەن شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسىلىرى ئورۇنلىغان نادىر ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى تەق بولغانىدى.

  پائالىيەت باشلاندى. دەسلەپتە ھەممەيلەن 19-قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئىچىلغانلىقىنى، 19-قۇرۇلتايدا دېھقان-چارۋىچىلار ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى گەپ-سۆزلەرنىڭ بولۇنغانلىقىدەك خۇشاللىقلارغا تەنتەنە قىلىپ، كوللېكتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى. ئۇسسۇلدىن كېيىن لېكسىيە مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب شەكلىدە باشلاندى.

  «19-قۇرۇلتاي قاچان ئېچىلىپ، قاچان يېپىلدى؟ قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى نېمە؟ قۇرۇلتايغا جەمئىي قانچە ۋەكىل قاتناشتى؟ شىنجاڭدىن قانچە ۋەكىل قاتناشتى؟ قۇرۇلتايدا <خەلق> دېگەن سۆز قانچە قېتىم تىلغا ئىلىندى؟ ...» دېگەندەك سوئاللارغا دېھقان-چارۋىچىلار بەس-بەستە قول كۆتۈرۈشۈپ، قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بەردى. دېھقانلار-چارۋىچىلارنىڭ توختىماي قول كۆتۈرۈپ، سوئاللارغا تالىشىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ قۇرۇلتايغا خېلى بەكلا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ھەم 19-قۇرۇلتاي روھىدىن ئوبدانلا خەۋەردار بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.

  سوئال-جاۋاب پائالىيىتىدىن كېيىن «ۋەتەن» دېگەن ناخشىغا ھەممەيلەن جۆر بولۇپ، سورۇن كەيپىياتىنى يەنە بىر قېتىم ئەۋجىگە كۆتۈردى. ھەممەيلەن قۇدرەتلىك ئانا ۋەتىنىدىن پەخىرلىنىش ئىلكىدە لېكسىيە ئاڭلاپ، 19-قۇرۇلتاينىڭ مول مەزمۇنىدىن يەنە بىر قېتىم خەۋەردار بولدى. لېكسىيە ئۆمىكىدىكىلەر 19-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دېھقان-چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئىنچىكە چۈشەندۈرۈپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ خۇش قىلدى. لېكسىيە ئارىلىقىدا ئارتىسلار ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، كەيپىياتنى تېخىمۇ جانلاندۇردى.

  لېكسىيە ئاياغلاشقاندىن كېيىن دوستلۇق، تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئوغلاق تارتىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

  __ لېكسىيە ئۆمىكى ھەم ئويۇن قويۇش ئەترىتى بۈگۈن ئالايىتەن مەھەللىمىزگە كېلىپ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئىنتايىن مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر بىلەن يەتكۈزدى. بىز 19-قۇرۇلتاي روھىدىن ئىنتايىن شادلاندۇق، نامراتلىق قالپىقىمىزنى چۆرۈپ تاشلاپ، باي-باياشات، يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىپ يەتتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ ياخشى سىياسەتلەردىن پايدىلىنىپ تىرىشىپ ئىشلەپ، نامراتلىق قالپىقىنى بالدۇرراق چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن تىرىشىمىز،-دېدى خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى چىگىبۇلۇڭ كەنتىدىن ھاجىگۈل مەمتىمىن.

  __ مەن قۇرۇلتاينىڭ روھىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم، قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم مەزمۇنلار ئۆگىنىش خاتىرەمگىلا ئەمەس، نۇرغۇنلىرى يۈرىكىمگە، مېڭەمگە خاتىرىلەندى. پارتىيە، ھۆكۈمەت بىزگە كۆپ غەمخورلۇق قىلدى. قىزىم تيەنجىندە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، نەۋرەم يەسلىدە ھەقسىز ئوقۇۋاتىدۇ، بالىلىرىمىز بىز ئېرىشەلمىگەن ياخشى ئوقۇش شارائىتىگە ئېرىشىپ، چۈشىمىزدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان چوڭ شەھەرلەردە ياخشى تەربىيەلىنىۋاتىدۇ. مەن قۇرۇلتاي دوكلاتىدىن بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ باياشات بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ سۆيۈندۈم، لېكسىيە ئاڭلاش جەريانىدا كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى،- دېدى لاسكۇي بازىرى مەڭگەن كەنتىدىن تۇنىسا قۇرباننىياز.

  خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى 19-قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشتا ئالدى بىلەن كادىرلارنى مەخسۇس تەربىيەلىدى. كادىرلار ئۆزى تەربىيەلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھەر بىر كادىر ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھۆددىگە ئالغان ئائىلىلەرگە بىرمۇ بىر بېرىپ، تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ باردى.

  __ 19- قۇرۇلتاي ئېچىلىپ تا ھازىرغىچە بىز ئۆگىنىشنى، ئۆگەنگىنىمىزنى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىشنى ئۆزىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز ھەم مەسئۇلىيىتىمىز دەپ قاراپ كەلدۇق. ۋىلايەتلىك پارتكوم يەرلىك تەشۋىقاتچىلارنى پارتىيە مەكتەپتە ئالاھىدە تەربىيەلىدى. ۋىلايەتنىڭ تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىمۇ بىزگە لېكسىيەنى قانداق سۆزلەش، تەشۋىقاتنى قانداق قىلىشنى يۈزتۇرا ئۆگەتتى. لاسكۇي بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىمۇ ھەر ھەپتىدە بىزنى نەچچە كۈن مەخسۇس ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇۋاتىدۇ، بىزمۇ كەنتلەرگە بېرىپ تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل زېھىن سىناش پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ، 19-قۇرۇلتاي روھىنى دېھقانلار قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا تىرىشىۋاتىمىز،-دېدى خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرىنىڭ تەشۋىقاتچىسى مېھرىبان ئەلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر