باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەكلىب بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

2017.11.30 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 29-كۈنى تەكلىب بويىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ يېقىندا جۇڭگوغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بىز جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلەردە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ۋە ھەرقايسى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسىنى ئەتىراپلىق پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ تۆت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى مېخانىزمىنىڭ 2-نۆۋەتلىك سۆزلىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق كېلىشىمى ۋە تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر