خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 30-كۈنى خەلق سارىيىدا «2017-يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن دۇنيا داھىيلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ۋە جۇڭگونىڭ دۇنيانى تۈزەشكە قاتنىشىش پىرىنسىپى ۋە تەشەببۇسىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى ھەم چەت ئەللىك مېھمانلار ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى ــ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدۇر. بۇ يولدا مېڭىشىمىزنى تارىخ تاللىغان، خەلق تاللىغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، 700 مىليوندىن كۆپرەك كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئەمەلىيەت ــ ھەقىقەتنى سىناشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى. جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا، نەزەرىيەسىدە، تۈزۈمىدە، مەدەنىيىتىدە چىڭ تۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىمدا: نەچچە 10 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى، دەپ كۆرسەتتىم. ئىلگىرى «بارمۇ-يوق» دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلغانتۇق، ھازىر «ياخشىمۇ-ياخشى ئەمەسمۇ» دېگەن مەسىلىنى ھەل قىلىمىز. بىز تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنىڭ دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان كۆپ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىمىز. 2050-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگونى باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى