باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمىتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى

2017.11.29 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 11-ئاينىڭ 29-كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

  سۇرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى شۇ كۈنى سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە تەرەپ بىلەن پىكىرلەشكەندىن كېيىن، سۇرىيە ھۆكۈمىتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى قارار قىلدى، سۇرىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى جافارى تىنچلىق سۆھبىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ب د ت باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇرا 28-نويابىر ئۆزىنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 29-نويابىر يىغىنغا كېلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىك ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى. دېمىستۇرا شۇ كۈنى سۇرىيە ئۆكتىچى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن: سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچىلەر بۇ نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى جەريانىدا بەلكىم تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، دېدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۇرىيە مەسىلىسى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى 28- نويابىردىن باشلاپ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. تىنچلىق سۆھبىتىدىن بۇرۇن سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ئېلان قىلغان زۇڭتۇڭ بەشىرنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى سۆزلەرگە نارازى بولغانلىقتىن، سۇرىيە ھۆكۈمىتى يىغىنغا قاتنىشىشنى كېچىكتۈرگەن ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر