باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن بالىلار باغچىلىرىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىدىن قاتتىق ئازابلاندۇق، دېدى

2017.12.01 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۆتىنچى قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى پائالىيىتى ۋە ئومۇمىي خەلق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تيەن شۆجۈن مۇخبىرلارنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن يەسلىدىكى بالىلارنى خورلاش ۋەقەسىگە ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز قاتتىق ئازابلاندۇق، بۇ ھەم بىر قىسىم جايلار ۋە بالىلار باغچىلىرىدا ياخشى باشقۇرۇلماسلىق، تۈزۈم ئەمەلىيلەشمەسلىك، ئىجرا قىلىش جايىدا بولماسلىق مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى.

  تيەن شۆجۈن مۇنداق دېدى: يەسلىلەردە مۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خەلق ئاممىسىنىڭ يەسلىگە كىرىش زۆرۈر ئېھتىياجى ۋە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىق، تولۇق بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ياندىن ئەكىس ئەتتۈردى. كېيىنكى قەدەمدە، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ﺋﻮﻗﯘش ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺷﻤﯩﻐﺎنلار مائارىپىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە بالىنى تەربىيەلىنىش مۇھىتىغا ئىگە قىلىش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، بەش تەرەپتىن تەدبىر قوللىنىشقا تەييارلاندۇق:

  بىرىنچى، تەرەققىيات بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جايلارنىڭ 3-قارارلىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بايلىقى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، تېخىمۇ كۈچلۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرى تۈزۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جايلارنىڭ «يەسلى خىزمىتى قائىدىسى»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەر خىل بالىلار باغچىلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە باغچا قۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەربىيەلەش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بالىلار ئوقۇتقۇچىلىقى سالاھىيىتى ئىجازىتى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى ئەلا، بالىلارنى قىزغىن سۆيىدىغان، كەسىپچان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولغان يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئوقۇتقۇچىلار ھەرىكەت قائىدىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. بىز ھازىر ئوقۇتقۇچىلار ھەرىكەت قائىدىسىنى تۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىمىز.

  بەشىنچىدىن، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىغا قانۇن چىقىرىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش لازىم، بىز ھازىر ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىغا قانۇن چىقىرىش ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتىمىز، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدا قانۇن بويىچە باغچا قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن تەرتىپ قوزغىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر