باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ باھاسى 0.6 يۈەن ئۆسىدۇ

2017.11.30 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىنىڭ سۇ باھاسىدا يېڭى بەلگىلىمە يۈرگۈزۈلىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ باھاسىدا 0.6 يۈەن ئۆسۈش بولىدۇ.

  11-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئورگان تورىدا «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ھەق يىغىش ئۆلچىمى ۋە سۇ تۇرۇبا تورىنى ئاسراش ھەققىنى تەڭشەش ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سۇ ئىشلىتىش، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى ھازىرقى ھەر كۇپ مېتىرى 0.5 يۈەندىن 0.95 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاھالىلەردىن باشقا سۇ ئىشلىتىدىغان (سانائەت، سودا، مۇلازىمەت كەسپى، ئالاھىدە كەسىپلەرگە ئىشلىتىلىغان سۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لاردىن ئېلىنىدىغان پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى ھازىرقى ھەر كۇپ مېتىرى 0.5 يۈەندىن 1.40 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورىنى ئاسراش ھەققى ھازىرقى ھەر كۇپ مېتىرى 0.1 يۈەندىن 0.25 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى ۋە سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورىنى ئاسراش ھەققى ئەسلىدىنلا شەھەرنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش باھاسى ئىچىدە بار بولغانلىقتىن، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۇ باھاسى ئەسلىدىكى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەر كۇپ مېتىرى 2.6 يۈەندىن 3.20 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر