باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاۋشيەن قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد قويۇپ بەردى

جۇڭگو بۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىدىغانلىقى ۋە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.11.30 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەننىڭ «مارس-15» تىپلىق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 29-چېسلا، جۇڭگو تەرەپنىڭ چاۋشيەننىڭ قويۇپ بېرىشكە ئالاقىدار پائالىيىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، چاۋشيەن 29-نويابىر سەھەردە «مارس-15» تىپلىق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد قويۇپ بەرگەن، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدا، چاۋشيەننىڭ ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ قويۇپ بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە بار. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەننىڭ ئالاقىدار قويۇپ بېرىش پائالىيىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىدۇ ۋە قارشى تۇرىدۇ، دېدى.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو چاۋشيەننى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا رىئايە قىلىپ، يېرىم ئارالنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى كۈچەيتىۋېتىدىغان ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا كۈچلۈك دەۋەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر