- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چەت ئەللەردە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى رۇسىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولدى
2017.11.30 16:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى خې يىتىڭ، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جۈن، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ياردەمچىسى شېن بېيلى مۇشۇ ئايدا ئايرىم-ئايرىم پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چەت ئەللەردە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنى باشلاپ ياپونىيە، كورېيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇردى.
زىيارەت ئۆمىكىنىڭ زىيارەت قىلىشى داۋامىدا ياپونىيە، كورېيە، مۇڭغۇلىيە، رۇسيە، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەر قايسى تەرەپلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى ۋە شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ، 19- قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىسى ۋە ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر