خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 29-كۈنى دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ ئوبامانىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان مەزگىلىدە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيا تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ ئوباماغا ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى