باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسى كېلەر يىلى 12-يانۋار ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2017.11.30 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 12-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسى كېلەر يىلى 12-يانۋار شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك ساياھەت يەرمەنكىسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي يەرمەنكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق مەركەزلىك نامايەندىسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ نەپىس ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ بىر قېتىملىق مەركەزلىك تونۇشتۇرۇلۇش يىغىنى، دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلبەغ، بىر يول» ئەتراپىدىكى ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش چوڭ سەھنىسى بولۇپ قالىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسىنىڭ يەرمەنكە مەيدانى 18 مىڭ 470 كىۋادرات مېتر بولۇپ، ئۈچ يەرمەنكە مەيدانى تەسىس قىلىنغان. سودا يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىللىق يەرمەنكىدە ساياھەت يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەتچىلىك تېمىسى كۆلىمى كېڭەيتىلگەن، يەرمەنكە ئەھلى بۇ يەردىن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلىك ئۇچۇرلىرىغا ئىگە بولالايدىكەن. «ساياھەت + مەدەنىيەت» ، «ساياھەت + تەنتەربىيە» يايما ئورۇنلىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئومۇمىي تەرەققىياتىدىكى مول نەتىجىلەر نامايەن قىلىنغاندىن سىرت، يەرمەنكە ئەھلىگە نەپ يەتكۈزۈلىدىغان نۇرغۇن ئەرزان باھالىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى باركەن. ھازىرغىچە يەرمەنكىگە مالايشىيا، ھىندۇنېزىيە، تايلاند، سېنگاپور، برۇنېي قاتارلىق يەتتە دۆلەت قاتنىشىش ھەققىدە توختاملاشقان.

  تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسى 2006-يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 11 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ دۆلەت ئىچى-سىرتىغا يۈزلىنىشىدىكى سەھنە بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر