باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو–پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىغا تۇنجى ماكانلاشقان ئېنېرگىيە تۈرىنىڭ تۇنجى گېنراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2017.11.30 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىغا تۇنجى ماكانلاشقان ئېنېرگىيە تۈرى ___ پاكىستان قاسىم پورتى كۆمۈر ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى گېنراتورلار گۇرۇپپسىنىڭ توك تارقىتىش مۇراسىمى 29-نويابىر پاكىستان كاراچىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ تۈرنى جۇڭگو ئېلېكتىر قۇرۇلۇش گۇرۇھى بىلەن قاتار خان جەمەتى فوندى AMC شىركىتى %51 ۋە %49 نىسبەت بىلەن مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان، ئومۇمىي سېلىنما 2 مىليارد85 مىليون دوللار بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى 36 ئاي بولغان.

  قۇرۇلۇشتا ئىش باشلانغاندىن بۇيان، 30 ئايدىلا 1-نۇمۇرلۇق گېنراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرلۈپ توك تارقىتىشقا باشلىغان. بۇ تۈردىكى ئىككى 660 مىگاۋاتلىق زىيادە كرىتك گېنراتورلار گۇرۇپپىسى 2018-يىلى ئومۇميۈزلۈك سودا تىجارىتىنى باشلاپ، يىللىق ئوتتۇرىچە تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىش مىقدارى تەخمىنەن 9 مىليارد كىلوۋات سائەت بولۇپ، پاكىستاندىكى 4 مىليون ئائىلىنىڭ ئائىلىگە ئىشلىتىدىغان توك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پاكىستاننىڭ توك يىتىشمەسلىك ئەھۋالىنى زور دەرىجىدە ھەل قىلغان، يەنە شۇ جاينىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، توك چىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە پائال تەسىر كۆرسەتكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر