باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەسلىدىكى ئۆزگىچە لېكسىيە

2017.12.01 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، قىش كىرىپ قالغان بولسىمۇ، قۇياش نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چاچقاچقىمۇ، ھاۋا باشقىچە ئىللىق ئىدى. قاراقاش ناھىيەلىك «مەرىپەت» يەسلىسى ئالدىدا چېلىنغان ناغرا-سۇناي ئاۋازى بۇ يەرنى بايرام تۈسىگە كىرگۈزگەنىدى. دەم ئىلىش كۈنى بولسىمۇ، ناھىيەدىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلاردىن 400گە يېقىن كىشى خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن مەخسۇس لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى يەتكۈزۈش لېكسىيەسىنى ئاڭلىغىلى يىغىلدى.

  لېكسىيە باشلىنىشنىڭ ئالدىدا، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ياخشى شارائىتتا تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئېلىشتى. لېكسىيە ئۆمىكى ئىككى يېرىم سائەتلىك لېكسىيەنى مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاب شەكلىدە باشلاپ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا قۇرۇلتاي روھىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنى تەپسىلىي يېشىپ چۈشەندۈردى. لېكسىيە ئۆمىكى قۇرۇلتاي دوكلاتىدا «شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر بىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، ھازىر يېزا، كەنتلەردىمۇ بالىلارنىڭ يېڭى، چىرايلىق، يەسلىلەردە ھەقسىز تەربىيەلىنىپ، پاكىز ئاشخانىلاردا قۇۋۋەتلىك غىزالىنىپ، ئازادە ياتاقلاردا راھەتلىنىپ ئۇخلاپ، بەختىيار ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن خاتىرجەم بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ تىرىكچىلىكىنى قىلىۋاتقانلىقىدەك جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئاتا-ئانىلارنى ئۆزگىچە ئىلھامغا ئىگە قىلدى.

  قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ھەممە يېزا، كەنتلىرىدە تاملىرى بىر خىل رەڭدە سۇۋالغان، كۆركەم يەسلىلەر كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. قاراقاش ناھىيەسى بۇ يىل «يەسلى سېلىشقا تېگىشلىك كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە يەسلى سېلىش» تەلىپىگە ئاساسەن، ئۈچ كىلومېتىردا بىر يەسلى بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 215 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان 207 «قوش تىل» يەسلىسى سالدى ھەمدە 9-ئايدا ھەممىسىنى پۈتكۈزۈپ ئىشلىتىشكە باشلاپ، «بىر كەنتتە بىر يەسلى بولۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى. قاراقاش ناھىيەسىنىڭ يىراق يېزا، كەنتلىرىدىكى بالىلارمۇ ھەقسىز يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقى تېخىمۇ ئاشتى.

  قاراقاش ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەمەت ئىلى مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى لېكسىيە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى. بۇرۇن چوڭ شەھەرلەردىكى يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىقىنى ئاڭلاپ، شۇ جايلاردىكى بالىلارغا، ئاتا-ئانىلارغا ھەۋەس قىلاتتۇق. ھازىر ناھىيەمىزدىمۇ «مەرىپەت» يەسلىسىدەك شارائىتى ياخشى، ئىلغار، زامانىۋى يەسلىلەر كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى، بالىلىرىمىز مۇشۇنداق ياخشى يەسلى، مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇتۇۋاتىدۇ. 19-قۇرۇلتايدا مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يەسلى مائارىپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىر نەچچە يىل مابەينىدە، ئاپتونوم رايونىمىز، جۈملىدىن ناھىيەمىزنىڭ يەسلى مائارىپىدىمۇ زور يۈكسىلىشلەر بولدى. بۇرۇن يېزا، كەنتلەردىكى بالىلارنىڭ يەسلىلەردە ئوقۇشىنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيتتى، ھازىر ھەممە بالا چوقۇم يەسلى تەربىيەسى كۆرىدىغان ياخشى ھالەت شەكىللەندى. يېزا، كەنتلەردىكى دېھقان-چارۋىچىلارمۇ بالىلىرىنى يەسلىگە تاپشۇرۇپ، خاتىرجەم تىرىكچىلىكىنى قىلالايدىغان بولدى.

  «مەرىپەت» يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر مەمتىمىن مۇنداق دېدى: ئەتراپىمىزدىكى ئەمەلىي پاكىتلار مىسال كەلتۈرۈلۈپ، قايىل قىلارلىق قىلىپ سۆزلەنگەن بۈگۈنكى بۇ لېكسىيەدىن پارتىيە 9-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ۋە ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولدۇق. قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئېيتىلغىنىدەك، يېقىنقى بەش يىل جەريانىدا ئەتراپىمىزدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، بولۇپمۇ مائارىپ جەھەتتىكى تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىش تېخىمۇ زور بولدى. بىزگە ئوخشاش ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن ياش خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. پارتىيە، ھۆكۈمەت شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ مائارىپ جەھەتتىكى پەرقىنى كىچىكلىتىش، يېزا بالىلىرىنىمۇ شەھەر بالىلىرىدەك ياخشى شارائىت ۋە ياخشى ئوقۇتۇش مۇھىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، بىزنى تەربىيەلەشكە كۆپ كۈچ چىقاردى. بىز چوقۇم پۇرسەتنى قەدىرلەپ، «ھەر بىر بالىنى سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش»تىن ئىبارەت يېڭى تەلەپنى ئورۇنداش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.

  قاراقاش ناھىيەسى «مەرىپەت» يەسلىسىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان ناسىر مۇنداق دېدى: ھازىر جاي-جايلاردا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كەڭ قانات يايدۇرۇلماقتا. مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم دەپ قارايمەن. بىز 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، قۇرۇلتاي روھىنى خىزمەت ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلاپ ئۇنىۋېرسال ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنى تەڭ تەربىيەلەش مەقسىتىدە 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردۇق. 19-قۇرۇلتايدا يەسلى مائارىپى بىلەن كەسپىي مائارىپنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش توغرىسىدا مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. مەن بۇ ياخشى سىياسەتلەردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ھەم مىننەتدار بولدۇم. مەن بۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيمەن. 19-قۇرۇلتاي روھىنى بالىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر