باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى كانادادا زىيارەتتە بولدى

2017.12.01 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تېن زىن ناڭجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە كانادانىڭ مونترىيال ۋە ئوتتاۋادا زىيارەتتە بولۇپ، كانادا پارلامېنتى، ھۆكۈمىتى، ئۇنىۋېرسىتېت، تاراتقۇ قاتارلىق ھەر قايسى ساھەدىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە شىزاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى.

  تېن زىن ناڭجى مۇنداق دېدى: ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قار-مۇزلۇق ئېگىزلىكنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، شىزاڭنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرگۈچى ۋە شاھىتلىرى. بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ مەقسىتى كانادادىكى ھەر قايسى ساھەدىكىلەرگە شىزاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغان 60 يىلدىن بېرى، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن كانادا پارلامېنتى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر