باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى خاڭجۇ بازىرىغا كىردى

2017.12.04 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-دېكابىر، خاڭجۇ شەھەر ئاھالىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش «ئون شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشىدىكى بايراقدار دۇكىنىدا شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىدىن سېتىۋالماقتا. شۇ كۈنگە قەدەر، «ئون شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشى ماركىسىغا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرى، تەيجۇ شەھىرى قاتارلىق توققۇز شەھىرىدە 200 توننىدىن ئارتۇق سېتىلدى.

  نۆۋەتتە، جېجياڭ ئۆلكىسى ئۆلكە ئىچىدىكى 10 ۋىلايەت، شەھەردە ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 1-شىسىنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاممىۋى ئامبىرىنى قۇرۇپ، «ئون شەھەر، 100 دۇكان» بازار تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر تۇتاش ساقلاش، بىر تۇتاش رايون ماركىسى، بىر تۇتاش ئەشيا ئوبوروتى، بىر تۇتاش سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سېتىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر