باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

ئۇ تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تېز پويىزىغا تەڭ ئولتۇرۇشنى تەكىتلىدى

2017.12.04 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجېندا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامى بىلەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىم، كارخانىچى قاتارلىق ھەرساھە زاتلىرىنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىساد جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ۋە سانائەت ئىنقىلابى بىخ ئۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىمۇ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىگە نۇرغۇن يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. دۇنيا ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ئاچقۇچلۇق پەيتكە قەدەم قويدى، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كۈنسېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بىزنىڭ «تۆت پىرىنسىپ»، «بەش نۇقتىلىق تەشەببۇس»نى تەشەببۇس قىلىشىمىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىكنى ئورتاق قوغداش، باشقۇرۇشقا ئورتاق قاتنىشىش، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىدا، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تەرەققىيات پىلانى تۈزۈلۈپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو، ئەقلىي جەمئىيەت قۇرۇش، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رەقەملىك ئىقتىساد، ھەمبەھرە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. جۇڭگو ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە تورى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تېز پويىزىغا تەڭ ئولتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلىدۇكى، ھەرگىز يېپىلمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر