باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋۇجېن ئالاقە تورى دوختۇرخانىسىدا ئۆيدىن چىقمايلا بىر كونۇپكا بىلەن كېسەل كۆرسەتكىلى بولىدىغان بولدى

2017.12.05 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋۇجېن ئالاقە تورى دوختۇرخانىسىنىڭ 1-قەۋىتىگە كىرسىڭىز پەن-تېخنىكا تۇيغۇسى ۋە كەسپىيلىك بىرلەشكەن ئائىلە نۇسخىسىدىكى، كۆچمە نۇسخىدىكى ۋە دورىخانا نۇسخىسىدىكى مىكرو داۋالاش سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساغلاملىق تېرمىنال مەھسۇلاتى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ تېرمىنال مەھسۇلاتلىرى ئاغرىقلارغا بىر كونۇپكا ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇش، ئالدىن كېلىشىپ نومۇر ئېلىش، داڭلىق دوختۇرلارنى تونۇشتۇرۇش، ساغلاملىق ئارخىپى، بەدەن تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ. ۋۇجېن ئالاقە تورى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنخۇا كۆچمە نۇسخىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساغلاملىق تېرمىنالىنى مۇخبىرغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ھەم ياشانغانلار يېنىدىكى دوختۇر، ئاغرىقلار ئۆيىدە ئولتۇرۇپ «بىر كونۇپكا ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇش»نى بېسىپ، ئائىلە دوختۇرى بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشۈپ، قولايلىق بولغان ساغلاملىق مەسلىھەتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

  ۋۇجېننى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ، ۋۇجېن ئەقلىي مېدىتسىناسى جېجياڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سەھىيە-داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قۇردى. بۇ يىل 9-ئايدا، ۋۇجېن ئالاقە تورى دوختۇرخانىسى توڭشياڭ شەھىرى بىلەن بىرلىشىپ ئاچقان توڭشياڭ شەھەرلىك ئائىلە دوختۇرلۇقى بويىچە توختام تۈزۈشنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، مەھەللە دوختۇرلىرى بىلەن ئاھالىلەرنىڭ توردا ۋە ئەمەلىيەتتە «قەغەزسىز» كېسەل كۆرسىتىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  نۆۋەتتە، ۋۇجېن ئالاقە تورى دوختۇرخانىسى 2400دىن ئارتۇق دوختۇرخانا، 100دىن ئارتۇق ئالاقە تورى داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى، مىكرو داۋالاش ئومۇمىي بۆلۈملەر مەركىزى قاتارلىق داۋالاش مۇلازىمەت بازىسى، 18 مىڭ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە دورىخانىلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، مىليونلىغان بىمارنى يىراق مۇساپىلىك دىئاگنوز قويۇش، توردا قايتا كۆرۈنۈش، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق رېتسىپ، دوختۇر تاپشۇرۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش، دورىلارنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر