باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆھبىتى يىغىنى يېپىلدى

2017.12.04 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆھبىتى يىغىنى 3-دېكابىر بېيجىڭدا يېپىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  ياڭ جيېچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىكى ئاساسىي مەقسەت سۆزى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى ئەللەر سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇش، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ئورتاق بەلگىلەش قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. ھەر قايسى تەرەپلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ياڭ جيېچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش بىر ئۇلۇغ ئىش. پارتىيەلەر ۋە سىياسىيونلار تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ھالدا زىممىسىگە ئېلىشى، باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچىلىرى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولۇشى كېرەك؛ ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتەك سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى؛ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇپ، كۆپ مەنبەلىك قاراش، تەرەققىيات قارىشى، ئېچىۋېتىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇش؛ باشتىن ئاخىر مەسىلىنىڭ يېتەكلىشىدە چىڭ تۇرۇش؛ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئالاقە باغلاش سەھنىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلب ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇش لازىم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر قايسى ئەللەر سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن پارتىيەلەرنىڭ كۈچىنى قوشۇشنى خالايدۇ.

  مەركىزى كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سوڭ تاۋ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يېپىلىش مۇراسىمىدا «بېيجىڭ تەشەببۇسنامىسى» ماقۇللاندى.

  120 نەچچە دۆلەتنىڭ 300گە يېقىن پارتىيەلىرى ۋە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاتارلىق تەخمىنەن 600 جۇڭگو ۋە چەتئەل ۋەكىلى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر