- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياڭ جيېچى ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
2017.12.04 15:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى 3-دېكابىر بېيجىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىش يىغىنى ۋە 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا پارتىيەلەر سۆزلىشىشىگە قاتناشقىلى كەلگەن ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ياڭ جيېچى مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى ھۆرمەتلەپ، ئىختىلاپ ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى جايىدا مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. ئىككى تەرەپنىڭ پارتىيەلەر سۆھبىتى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئۇلىنى چىڭىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.ئامېرىكا تەرەپ ۋەكىلى مۇنداق دېدى: سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، جۇڭگو تەرەپ بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر